为了正常的体验网站,请在浏览器设置里面开启Javascript功能!
首页 > 诗歌集(书本)

诗歌集(书本)

2012-05-25 50页 doc 839KB 38阅读

用户头像

is_238936

暂无简介

举报
诗歌集(书本) - ئالىم ياسىن شېئىرلىرى توپلىمى ئانامغا سوئال 1 مېنى تۇغۇپ چوڭ قىلغان ئانا، ماڭا قويغان ئىسمىڭ نېمىدى؟ تۇغۇلۇپلا تۆككەن كۆز ياشقا، سەۋەپ بولغان زادى كىم ئىدى؟ ئېيىتقىنا ئانا؟ باشلىرىمدا بوپ سەن پەرۋانە، تالاي تۈننى قانداق ئاتقۈزغان؟ ساڭا ئېغىر جاپالىرىمنى،...
诗歌集(书本)
- ئالىم ياسىن شېئىرلىرى توپلىمى ئانامغا سوئال 1 مېنى تۇغۇپ چوڭ قىلغان ئانا، ماڭا قويغان ئىسمىڭ نېمىدى؟ تۇغۇلۇپلا تۆككەن كۆز ياشقا، سەۋەپ بولغان زادى كىم ئىدى؟ ئېيىتقىنا ئانا؟ باشلىرىمدا بوپ سەن پەرۋانە، تالاي تۈننى قانداق ئاتقۈزغان؟ ساڭا ئېغىر جاپالىرىمنى، كىچىگىمدە قانداق تارىتقۈزغان؟ ئويلاندۈرۈپ كېلەچىگىمنى، باشلىرىڭنى قانداق قاتۇرغان؟ 2 ئانا يەر ئايلىنار نىمىشقا تۇرماي، ياكى ئۇنىڭ چاقى بولمىسا؟ كۆكتە تۇرار نىمىش تۇلۈنئاي، بىرسى ئۇنى ئېسىپ قويمىسا؟ قۇياش ماڭار غەرىپكە تۇرماي، يا ئۇ يەردە ئۆيى بولمىسا؟ ئانا -دەپ بېرىڭا بىر ئېغىر ئالماي، ئاي بەزىدە نىمىشقا يېرىم؟ قۈياش دائىم ئوخشاشلا تۇرماي، سەھەر-كەچتە قىلىدۇ گىرىم؟ يۇلتۇزلارچۈ نىچۈن چوڭ بولماي، بولۇپ قالغان ئەشۈنداق تىم-تىم؟ 3 ئانا سۇراي سەندىن يەنە بىر سۇئال، نىچۈن بىزنىڭ ماشىنىمىز يوق؟ قىلساقمۇ كۆپ ئارزۇ ۋە خېيال، يەنە بىزنىڭ ھېچنەرسىمىز يوق؟ كېۋەز ساتساق بولارمۇ ئامال؟ مەن ئوقۇشقا كىتاپلار تولۇق. 4 ئانا شېۋىتسارىيىنىڭ كىچىك باللىرى ئالتە ياشتا سائەت ياسارمىش. ئامىرىكىنىڭ بۇنداق باللىرى، ماشىنىدا رول تۇتار ئىمىش. نىمىسلارنىڭ كىچىك باللىرى، دائىم ھەربىي مەشىق قىلارمىش. بىزدە شۈنداق كىچىك بالىلار، ئېيتىڭ ئانا نىمىش قىلىدۇ؟ يىغلاپ تېخى ئالتە ياشلىقلار، ئېمىزگىنى تەلەپ قىلىدۇ. سەھرادىكى سەبىي بالىلار، بىغەملەرچە پادا باقىدۇ. سۆزلەپ بەردى بىزنىڭ مۇئەللىم، ياپۈنلۇقلار ئايغا چىقىپتۇ. ھېچ يەتمىدى بۇنىڭغا ئەقلىم، سۇئى قۈياش كەشىپ قىلىپتۇ. راۋاجلانغاچ شۈنچە زور ئىلىم، كومپىيوتېر ياساپ چىقىپتۇ. -ئېيتىپ بىرىڭ بىر ماڭا ئانا؟ شۈلارنىڭمۇ ئانىسى بارمىدۇ؟ ئەجەپ سىرلىق ئىكەن بۇ دۈنيا، 5 ئانا تۇرەلمىمەن قۇسۇغۈڭدىكى كۆز ئېچىشنىڭ پەيتىدە تۇرغان. بىر نەرسىنى بىلىۋاتىمەن قىسىلماقتا مىنىڭ بۇ جىسمىم قىينار سىنى تولغاق بىگۈمان. تۇغىۋەتكىن مېنى بولدىلا بولمىسىمۇ قۇسۇغۇڭچىلىك كەڭرىلىكتە ماڭا بۇ دۈنيا. قىينالمىغىن ئاچچىق تولغاقتا تىغىلايمەن ئازاپلىرىڭنى ئارتىۋېلىپ تۈنجى كۆز ياشقا... 6 ئانا سەھەردىكى شۈ رەڭلىك قۇياش، يېشىمىزنى قۇيارمۇ سۇرتۇپ؟ ئايسىز ئايدىڭ بولغاندا ئاداش كارى بولماي كېتەرمۇ ئۆتۇپ؟ تۈن كېچىدە پارلىغان چولپان، بىزگىمۇ بىر قاراپ قۇيارمۇ؟ تىمتاسلىققا چۆكسە گەر جاھان، ئۇمۇ ياكى يىراق كېتەرمۇ؟ چېكىت-چېكىت ساناقسىز يۇلتۇز، ئاخشاملىققا يەنە چىقارمۇ؟ ياۋۈز بۇرانتېگىپ شۈنچە مۇز، جېنىمىزنى يەنە قىينارمۇ؟ مەيىن شامال تونۇش دۈنيانىڭ، پىچىرلىشىنى ئېلىپ كېلەرمۇ؟ گۇلدۈرماما ياكى بىراۋنىڭ، چىشلىرىغا يەنە تېگەرمۇ؟ ئانا غىل-پال چىقىپ ئۆچتىغۇ چاقماق، بىر ئاز يۇرۇق يەنە بېرەرمۇ؟ يەۋاتامدۇ يەر ئانا تولغاق، شۈنچە كۇچەپ يەنە تەۋرەرمۇ؟ 7 ئانا قۇندۈز چېچىڭ نە كەتتى ئانا؟ ئېگىۋالىڭ بىلىڭنى نىمىش؟ تۇتىۋالدىڭ نىمىشقا ھاسا؟ ئېغىرمىكەن شۈنچىلىك مېڭىش؟ يۈزۈڭدىكى چەكسىز قورۇققا، نەدىن كەلدى ئەمدى تەر ئېقىش؟ تارتىۋاپسەن ككزۇڭگە ئەينەك، قانداق سۈپەت ئەمدى سەندىكى؟ تۇلۇن ئايدىن ئالدىڭم دەستەك؟ ئارىتقىنىڭ نىمە ئەمدىكى؟ جەينىمازدىن ئېغىردۇر كەتمەك، قانداق خىسلەت ئۇشبۇ يەردىكى؟ 8 ئانا لاي سۇ ئاقار ئىدى دەريادا، بۈگۈن ھەجەپ ئۆستەڭلە قۇرۇق؟ ئېتىزلادا،باغلاردا،تاغدا، نېمە دېگەن كۆپتۇر ھە قۇدۇق. شۈنداق بولسا يەر شارى ئاخىر، ئولتۇرۇشۇپ كەتمەمدۇ بىر كۈن؟ دېڭىزلارغا چۆكمەيلى ياپىر، بۇ نېمە ئىش جاۋاپ بەر بۈگۈن؟ يىلدىن-يىلغا ئىسسىق بەك كۈچلىك، بىرەم كەلكۈن،بىردەم قۇم بوران. جەنۇپتىلا بۇ قۇرغاقچىلىق، بولۇپ قالدى بەكلا ھۆكمىران. ئانا كىم ئالىدۇ بۇنىڭ ئالدىنى؟ تەبىي ئاپەت كۆپەيسە بولماس؟ يول قويمىسا چوقۇم قائىدىنى، ھېچكىم مۇھىت ئالدىنى ئالماس. 9 ئانا بىز نىمىگە مۇھتاج بىلمسىز پاكىز سۇغا،يېڭى ھاۋاغا. گۈزەللىكنى سىزمۇ سۆيەمسىز؟ ئىنتىلەمسىز گۈزەل ماكانغا؟ بىز مۇھتاجمىز جىمجىتلىققا ھەم، زامانىۋى يېڭى تۇرمۇشقا. پەقەت بىزگە ساغلام مۇھىت كەم، تىرىشىمىز پاكىز بولۇشقا. ئەندىشىمىز بۇلغىنىش بىزنىڭ، سۇ بۇلغىنىش،شاۋقۇن،يۇرۇغلۇق. ئاتمۇسفىرا ھەم يېمەكلىكنىڭ، ساپلىغى يوق كېڭىيەر قۇملۇق. ئانا سۇئال سوراپ ئاۋارە قىلدىم، كىچىگىمدىن گۈزەللىك ئىزلەپ. ئۆسمۇر بولۇپ شۈنىلا بىلدىم، ئەگرى دەرەخ تۇز، قويسا تۇزلەپ. 10 ئانا سوراپ باقاي سىزدىن بىر سوئال، لوپنۈر كۆلى زادى قەيەردە؟ كېچە ئۈچۈپ چۈشەپ قاپتىمەن، تەكلىماكان گىرۋەكلىرىدە. مەن بىرسىدىن ئاڭلىدىم شۈنى، لوپنۇر كۆلى يۇقالغان كۆل دەپ. ئەڭ دەسلەپ كىم تۇنىغان ئۇنى؟ تارىخنى بىرەمسىز سۆزلەپ؟ كۆل ئەتراپى راسىتلا چۆللۇكمۇ؟ بىر تال گىياھ،تامچە سۇ يوقمۇ؟ ئىسسىق يەتمىش گىرادۇس دەمدۇ؟ ئاسمىنىدا بىر قۇشمۇ يوقمۇ؟ چۆللۇكمىدى بۈرۈندىن شۈنداق؟ ياكى گۈزەل بوستانلىقمىدى؟ تۆت ئەتراپى قۇم بىلەن تولغان، تەنھا شۈنداق بىر ئارالمىدى؟ بۈرۈن سۇيى بولسا ئەگەردە، ئۇنىڭ سۇيى نەدىن كىلەتتى؟ جانلىق بۇندا بولمىغان بولسا، سۇلىرىنى كىملەر ئىچەتتى؟ بىرسى دەيدۇ تارىم دەرياسى، قۇيىلاتتى لوپنۇرغا بۇرۇن. توغراق ئىدى ئىككى ئەتراپى، تېرىلغ يەر ئاھالە پۇتۇن. شۈنداقمىدى راستىنلا ئانا؟ ياش ئاققۇزماي ئېيتىپ بىرىڭا؟ لوپنۈر كۆلى قاچان يوقالغان؟ نىمە سەۋەپ قېنى ئېيتىڭە؟ سەۋەپچىسى زادى كىملەردۈر؟ قۇتقازغىلى بولامدۇ قانداق؟ چاپسان ئېيتىڭ قەيەردە ئورنى؟ دوسلىرىمىنى ئاپپىراي تېزراق... 11 ئانا سىز قەشقەرگە بېرىپ باققانمۇ؟ ئۇ مەككىنىڭ كىچىك بىر قىسمى. ھېيىتگاھنى كۆرۈپ باققانمۇ؟ يەر شارىغا تۇنۇشتۇر ئىسمى. ئۇ مەشھۇردۈر ئاسىياغا ھەم، يىپەك يولى ياۋرۇپاغىچە. بىز كىرەيلى ئىچىگە بىردەم، سىز بەش مىنۇت ئارام ئالغىچە. بىلەمتىڭىز ئورنى قانداقتى ؟ قەبرىستانلىق ياكى باغچىمۇ؟ كىملەر قاچان ،قانداق سالدۇرغان؟ (ھىيىتگاھ) مىدى ئەينى چاغدىمۇ؟ يەر كۆلىمى قانچىلىك كىلەر؟ بەش-ئالتە مو كىلەمدۇ نېمە؟ بىر يۈز قىرىق تۈۋرۈك تۇرىدۇ، مۇنچا ،خالا تولۇق ھەر نېمە؟ گەر ھېيىتتا كەلسەك بۇ يەرگە، ئادەم سىغماي قالامدۇ نېمە؟ مەن مەككىگە ئاپپارالمىدىم، ئېلىپ باراي سىزنى قەشقەرگە. ماقۇل دەڭە ؟ ۋەدە بېرىڭە. 12 ئانا تەڭرىتاغقا بارغانمىدىڭىز؟ بىپايان،كەڭ شۇنچە گۈزەلمۇ؟ بۇ توغرۇلۇق ئاڭلىغانمىدىڭىز؟ ناخشا ئېيىتقان ئۇيغۇر قىزىمۇ؟ قېنى ئېيتىڭ ئۇ بۇ ۋەتەننىڭ ، راستلا غەربى شىمالىدىمۇ؟ ئوتتۇرسىنى شىنجاڭ دىگەننىڭ جەنۇب،شىمال ئايرىۋەتكەنمۇ؟ چوقىلىرى شۈنچىلىك ئىگىز بۇلۇت بىلەن بوي تالاشقانمۇ؟ مەن ئېپ باراي خالىسىڭىزلا، غەنىمەتتۈر سالاملاشقانمۇ؟ ئۇ جەننەتنىڭ كىچىك پارچىسى، سىز جەننەتنى كۆرۈپ باققانمۇ؟ قارغاينىڭ قات-قات شاخلىرى، ئارا نۇرلار قىيا باققانمۇ؟ سىز تومۇزنى ئۇنتۇپ قالىسىز قارلىق تاغدىن شامال كەلەەندە. شارقىراتما كۆرگەنمىدىڭىز؟ سىز بۇ يەرگە بۇرۇن كەلمەستە. ئورمان قېلىن،قۇشلار ئۆتەلمەس، ئارقار ،بۇغا ،ياۋا كالا كۆپ. ھاۋاسىنى كۈزنىڭكى دىسەك، ئەتىيازمۇ باردۇر سەل ئۆتۈپ. ئېقىۋاتقان ئاستا ئېقىنىنڭ قىرغىقىدا ھەر خىل رەڭدە گۈل. رەڭگى كۆپ-كۆك يىراق –يېقىنىڭ ، بىر تال كۆمۈش لىنتا چىغىر يول. ئۇ تىپ-تىنىچ دېڭىزغا ئوىشاش، ئەركىلىشىپ ئوينار يىلقىلار. تىك چوقىلار ساماغا تۇتاش، ئۇسسۇل ئوينار چارۋىچى قىزلار. سىم-سىم يامغۇر چۈشەر بەزىدە، يىشىللىقىنى يەنە ياشنىتىپ. قىزغۇچ شەپەق گوگۇم پەيتىدە، قىزلگۈلگە كىلەر ياندىشىپ. كىگىز ئۆيدە بىر قازاق موماي، ئولتۇرىدۇ شورپا قاينىتىپ. شىبە،تاجىك،قىزغىز ئاھ ۋاي-ۋاي، شوخ ئۇسۇلغا چۈشەر يامىشىپ. يەنە تېخى كۆرسىتەي شۇنى، يولتۇزلاردەك تەبئى كۆللەرنى. سۈيى سۈزۈك،كۆرىنەر تېگى، ھاسىل قىلار تۈمەن رەڭلەرنى . تاغ سۈيىنى بويلاپ ماڭسىڭىز، ھاسىل بولار دەريا ۋە ئېقىن. يىراقلارغا نەزەر سالسىڭىز، -ئىلى،تارىم ئويغىنار بىركۈن. ئەشۇ ئېقىن بويلىرىدا پاھ، پىشقان ياۋا ئالمىلار پۈتۈن. ھەر يىلنىسى مىۋە پىشقان چاغ، راھەت باغ قۇش،مال-چارۋا ئۈچۈن. ئانا بۈگۈن بولدى قايتايلى؟ مىڭ چاقرىم تەڭرىتاغ دىگەن. پۇرسەت بولسا كۈندە بارايلى، بولدى سۆزلەپ تۈگۈتەلمەيمەن... 13 ئانا مېنى ئەمدى ئۆزىڭىز بېقىڭ؟ ئاپىرىپ بەرمەي يەنە مۇمامغا. ئۇخلىۋالاي سىز بىلەن بىللە، قولىڭىزنى ئېلىپ دولامغا. ئەللەي ئېيتىپ بىرىڭچ ئانا؟ چۆچەك بولسا تېخىمۇ ياخشى. كىتاپ ئوقۇپ بىرىڭ بولمىسا؟ قۇلاق سالاي بولماي ھاڭۋاقتى. قىينىمايلى بولدى مومامنى، چۆچىكىغۇ تۇگىمەس ئىدى. ئارام ئالسۇن ياشانغىنىدا، بىز ھالىدىن خەۋەر ئالايلى. 14 ئېيتىپ بەردى بىر بوۋاي ماڭا، ئوچۇق يۈزلىك بولغان ياخشى دەپ. يار بولىدۇ چۈنكى ئۇلارغا، ئەدەپ-ئەخلاق،ئەقىل-پاراسەت. ئەقلى ئويغاق بىر ئادەم بىلەن، ھەمسۆھبەتتە بولسا ناۋادا. قۇرالايسەن بىر ئەزىز ۋەتەن، ھەممە چاغدا قالماي تالادا. زادى قايسى ياخشى پەزىلەت؟ خۈش چىرايمۇ،شېرىن سۆزلىكمۇ؟ ئۇ دىدىكى قوشۇپ بۇنىڭغا، مۇھىم خوشال مۇئامىلىمۇ. 15 ناخىشا ئوقۇپ قاپسىزغۇ ھەجەپ؟ بالىلىقنى قايتىدىن ئەسلەپ. بالا بولغان ئەشۈ چاغلاردا، يۇرگەنمۇ يا بىزدەك ئەركىلەپ؟ «بالىلىقىم كەلسەڭچۇ يېنىپ، بالىلىققا ئالساڭچۇ قېنىپ. چاپايمىكىن قۇياش كەينىدىن، بالىلىقنى قوغلاپ ئاھ سېلىپ. مەن قانمىغان ئەللەيلەر قېنى؟ مەن قانمىغان ۋەللەيلەر قېنى؟ چۈشۈپ قاپتۇ چېچىمغا ئاقلار، قانداق تاپاي ئەمدى مەن سىنى؟» نىمەدىگەن گۈزەل مىسرالار، نىمە دىگەن ئوتلۇق سېغىنىش. بۇ سىزدىكى ئۈنسىز نىدالار، بالىلىققا بەلكىم تەپۈنىش. بالىلىقتا بەلكىم سىز غەمسىز، لاي قونچاقلار ئوينىغانتىڭىز. لەگلەكلەرنى ئۇچۇرۇپ كەپسىز، بەرنا گۈللەر ئۇزگەنمىدىڭىز؟ پادا بېقىپ يىراق سەھرادا، يۇلتۇزلارنى سانغانتىڭىز. قۇمنى دەپتەر،قەلەم قۇمۇشتا، مەڭگۈ تارىخ قالدۇرغانتىڭىز. تەپكۈچ تىپىپ،تەشتەمەك ئويناپ، توپىدا ئۆي ياسغانمىدىڭىز؟ خوشنىلارنى چاقىرىپ توۋلاپ، ئۆيگە شۇنداق باشلىغانمىدىڭىز؟ بىدە تىرىپ،سويما ئوغۇرلاپ، ئوسما چىلاپ قاش قويغانمىدىڭىز؟ تال چىۋىقتا ئات ئىتىپ ئويناپ، سۇغا چۈشۈپ باققانمىدىڭىز؟ دوپپىلارغا جىگدە تولدۇرۇپ، قاچقاق توپلار ئوينىغانمىدىڭىز؟ ساغادىدا ئۇچۇپ ئولتۇرۇپ، چوڭ بولۇشنى ئويلىغانمىدىڭىز؟ ئەجەپ چاغلار ئىدى شۇ دەسلەپ، مۈكۈ-مۈكۈلەڭ ئۈزۈلمەيدىغان. تونۇرغا پۇت سېلىشىپ ئەجەپ، ھېكايىلار تۈگۈمەيدىغان. بۇرۇت ياساپ،كۈيدە ئوغوللار، كۈلدۈرەتتى ئەجەپ بەك قىززىق. بوش كىلىشمەي شۈندىمۇ قىزلار، مارجان ئاسقان،مېغىز قىپ تىزىق دۇنيا دىگەن نىمىتى ئاخىر، ياشاش كۈلكە،ھەر كۈنى كۈلكە. شۇ بالىلار ئىدى بەك شائىر، ئۆزى توقۇپ سالاتتى كۈيگە. ئانا سىزنىڭ باللىقىڭىز، راسىت گۈزەلكەن ئەسلەپ بىرىڭا. بىزنىڭ ئۇنداق ئويۇنلىرىمىز، نەگە كەتتى بىر دەپ بىرىڭا؟ سەھەر ئۇيقۇ ،مىڭ چالا ئەسنەك، مەكتەپ،دەرىس،ئېغىر تاپشۇرۇق. بېسىم،ئازاپ،بەزىدە تەستەك، ساغۇچ چىراي،ياغاچ تەن ئورۇق. بالىلىقتۇر مانا بىزگە يار، ئەمماكى ھىچىبىرەر ئويۇن يوق. پۇرسەت بىرىڭ بىزگە ئىتىبار، ياشايلى بىز شۇنىڭغا چۇشلۇق. 16-سۇئال ئانا قۈندۈز چېچىڭ نە كەتتى ئانا؟ ئېگىۋالدىڭ بېلىڭنى نېمىش؟ تۇتىۋالدىڭ نىمىشقا ھاسا؟ ئېغىرمىكەن شۈنچىلىك مېڭىش؟ يۇزۇڭدىكى چەكسىز قورۇققا، نەدىن كەلدى ئەمدى تەر ئېقىش؟ تارتىۋاپسەن كۆزۇڭگە ئەينەك، قانداق سۇپەت ئەمدى سەندىكى؟ تۇلۇن ئايدىن ئالدىڭمۇ دەستەك؟ ئارىتقىنىڭ نىمە ئەمدىكى؟ جەينىمازدىن ئېغىردۇر كەتمەك، قانداق خىسلەت ئۇشبۇ يەردىكى؟ 17.سۇئال ئانا بىر دوستۇمغا ئانسى دەپتۇ، سەنمۇ مەنسىز ياشاپ باققىن دەپ. ئۆمۈر دىگەن تۇرماس ھەرگىزمۇ، ئۆز يولۇڭڭغا ئەمدى ئاغقىن دەپ. كۈندە تۇرماس مەندە بۇ دۆلەت، ئەتە كىتەر خەقنىڭ قېشغا. ياراشمايدۇ قۇرۇق نام-شۆھرەت، كۈن كەلگەندە ھەر كىم بېشغا. بۈگۈن ساقمەن لېكىن ئەتلا، كېتەمدىمەن مەن سېنى تاشلاپ، ياش ئاققۇزما ئوغلۇم باھادىر، باشلىرىڭنى يەنە تاتلاپ. قالماس مەندىن ساڭا ھېچ دۇنيا، ئاغرىمغىن مەندىن ھەم بالام. ئادىمىيلىك بولسۇن يار ساڭا، ھۆرمەتلىسۇن دوسلۇرۇڭ ئاۋام. ئىسكەندەرمۇ قۇرۇق قول كەتكەن، قانداق كەلسەك شۇنداق كىتمىز. بىراق دۈشمەن ھەممىسى مال-دۇنيا، بىز بىركۈنى بىلىپ يىتمىز. داۋانلاردا ئازساڭمۇ مەيلى، يۆلمەيمەن يىقىلغاندىمۇ. كارۋانلاردىن قالساڭمۇ مەيلى، ئىزدىمەيمەن يوقالغاندىمۇ. سەنمۇ مەنسىز ياشاپ باق بالام، مەڭگۈ ساڭا يار بولالمايمەن. ئاخىر ساڭا دەۋالاي بالام، ئەمدى يەنە خەت يازالمايمەن. بۇ دوستۇمنىڭ ئانسى ئانا، خەت يېزىشقا ئەجەپ ئۇستىكەن. سىزمۇ شۇنداق دەمسىز يا ماڭا؟ ھايات مىڭ يىل تۇرۇپ تۇرسىكەن؟ 18.سۇئال ئەنسىرەمسىز ئاخشىمى ئانا؟ سەل كىچكىپ قالسام تالادا؟ ئۇيقۇ كەلمەي تۇرامسىز يانا؟ ئىساۋىمنى تىلەپ دۇئادا. ئەنسىرەمسىز بۇزەك ئەتتى دەپ؟ كوچلاردا ئاڭقاۋ باللار. بەزمىلەرگە كىرىپ كەتتى دەپ، كۈتۋالدى ھەي يامان يوللار. تورخانىدا ئولتۇرغاندىمۇ؟ بىرسى سۆرەپ كەتكەنمىدۇ يا؟ ھەي بىر ئىشقا يولۇققاندىمۇ؟ قالمىسكەن بىرەر چاتاققا؟ ئەنسىرەمسىز ئاخشىمى ئانا؟ سەل كىچكىپ قالسام ناۋادا؟ قايتىپ كىرەي بولدى بالدۇرلا، بۇندىن كېيىن ئەمدى بولدىلا. 19.سۇئال ئانا ئۇكام ئۈچكە توشمايلا تۇرۇپ، تالاشتىغۇ مىنىڭدىن كىتاب. ئۇسۇلغا قول كۆترۈپ تېخى، نازۇك ئۇسۇل كەتتىغۇ ئويناپ. قەلمىمنى ئالدۇ تارتىپ، خەت جىجيدۇ بىلىدىغاندەك. ئەكەل دىسەم قاچدۇ نېرى، مەن خۇددى بىر ئۇردىغاندەك. ۋاراقلايدۇ كىتاپنى بىر-بىر، نىمە باردۇر ئۇنىڭ ئىچدە؟ ئۇيقۇ كەلمەس كۆزىگە ھېچبىر، دەپ بەرمىسەم چۆچەك يېڭچە. خوش دىگەندە دەيدۇ تېخى تەڭ، مەن يىغلىسام يىغلايدۇ ھەمدە. بەلكى ئۇنىڭ كۆڭلى بەكمۇ كەڭ، چۈنكى ئويسىز،چەكسىز بىغەمدە؟ كىتىپ قالسام مۇبادا يىراق، ئېپ بارايمۇ-بارمايمۇ سوۋغا؟ بىراق مەندە سېغنىش پىراق، يار قىلدۇ ھەمىشە ئويغا. ئۈگۈتىدۇ ماڭا كۆپ ئەقىل، مەندىنمۇ كۆپ ئويلامدىغاندۇ؟ نەدىن چىقتى ئاڭا چۈچۈك تىل؟ نىمانداق سۇئال سورايدىغاندۇ؟ ئۇكام شۇنداق قىلسا مەيلىمۇ؟ شۇنداقمىدىم مەنمۇ ئەسلىدە؟ ياكى بىرسى ئەقىل بەردىمۇ؟ ئۇ غۇنچىدەك باھار پەسلىدە. 20.سۇئال ئانا سەھرالارغا ئوخشىماس شەھەر، ئاسمىندا نىمىش ئىس تۇلا؟ قىستا-قىستاڭ گۇيا ھەممە يەر، چۆمۈلنىڭ ئۇۋسىدەكلا. ئاندا-ساندا ئۇچدۇ قۇشلار، سەھرالاردەك نىمىش توپ ئەمەس؟ نىسىپمىدۇ ئەشۇنداق ئۆتمۈش؟ ھاياتلىقنى ئورغان قەپەس. ئولتۇردۇ باللارمۇ ھەي؟ تېلۋېزور ئالدىدا تېنىچ. پەسكە چۈشۈپ يا ئويناي دىمەي، قونچاقلار قاراپ ھەي ئېسىت. قۇزىسى يوق،تايچىقىمۇ ھەم، بىردەم ئەركىن مىنىپ ئويناشقا؟ ياغاچ ئېتى تۇراركەن سۇنۇق، كۆنگەنمۇ يا شۇنداق ياشاشقا؟ تەييار چۆپى،سېرىق ئاش،سېيى، تەييار سۇلياۋ ئىچدە سۈت ھەم. قىزىققىنە يوقتۇر نان چېيى، ئۇلار شۇنداق ياشاركەن بىغەم. زۇكام بولما ئەمدى بالام دەپ، قارا ئاشلىق ئۆتمىسە گالدىن. ھەمىشىلا ھەسرەت،ۋاھىم يەپ، قوپالمىسا گىلەم-ساپادىن. بەكمۇ ھەيران بولمەن ئانا، شەھەر ئوغلى سەھەردىن يىراق. خوراز چىللاپ تۇرسىمۇ يەنە، ئەمەس ئۇلار ھەرگىزمۇ ئويغاق. مەكتەپ ئۆيدۇر بىر سىزىقتىلا، ھەر كۈن ھايات تونۇش فورمىلا. ماڭا سەھرا كىرەكتۇر ئانا، سەھرالارغا ئېلىپ بېرڭا؟ 21.سۇئال ئانا ئادەم ئۈچۈن زىيانداش نەرسە، نىملەردۇر بىلەمسىز شۇنى؟ ھۇرۇنلىقتا ئۆتسە ۋە غەمدە، قىسقارتامدۇ راستلا ئۆمۈرنى؟ غەم-قايغۇ ۋە ھەسەتخورلۇقمۇ، تاماكۇ ۋە ھاراقتىن يامان. نەپسانىيەت،تاما،تۇزكورلۇق، قىلىپ قويار ئادەمنى ھايۋان. سەل قارسا ناشتىغا ئەگەر، ئاسان كېسەل بولامدۇ ئادەم؟ كۆيۈپ كەتكەن ئەشۇ نەرسىلەر، يىسە ئېلىپ كىلەمدۇ ماتەم؟ كەچلىك تاماق ئازلا بولامدۇ؟ ئازراق سەمرىپ كەتسە بولمامدۇ؟ تۇز-شىكەرنى راست ئازلا يەمدۇ؟ قۇۋەت دورا يېسە قانداق ئۇ؟ ھاياتلىققا زىيانداش دىمەك، غەمكىنلىك ۋە بىخارامانلىق. كىر ۋە رەتسىز كىيىم-كېچەكلەر، ماڭماي جىپتا جىم ئولتۇرغانلىق. بىكارچىلىق،ھەركەت كەمچىللىك، مېڭىنىمۇ كۆپ ئىشلەتمەسلىك. مۈشۈك بىلەن ئىتنى باققانلىق، دوختۇرلارغا كۆپ كۆرۈنمەسلىك. قانداق قىلاي ھاياتلىق ئۈچۈن، بەك چارچاشتىن ساقلىنىمەنمۇ؟ كىچە قارتا ئويناشتىن پۈتۈن، ئەمدى دەرھال ساقلىنىمەنمۇ؟ يېتىش-قوپۇش ۋاختىنى تەڭشەپ، ئاز كۆرەمدىم تېلۋېزورنى؟ ئائىلەمنى شاتلىققا بىزەپ، قوزغىتامدىم دىل ھۇزۇرۇمنى؟ 22.سۇئال ئانا يۈكلەنگەندەك بوينۇمغا تاغلار، ئىگىزگىنە كۆترەلمەيمەن. نىسىپ ئەمەس ھېچ خۇشال چاغلار، تاتلىققىنە بىر كۈلەلمەيمەن. تىنغىمدا يۈرمەكتە ھەسرەت، شۇنداق ئاچچىق يۈتۋاتمەن. كۆز يېشىمدا كەچمىشلەر پەقەت، بويۇن قىسىپ ئۆتۈۋاتمەن. سەن مەڭگۈلۈك كەتكەن يوللارغا، تەلمۈرمەن ئۇزاق ۋە ئۇزاق. پەرىشتىدەك كۈلۈپ يېنىمدا، باشلىرىمنى سىلايدىغاندەك، مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيسەن بىراق. ئانا ئېقىپ چۈشتى يۇلتۇز،ئاي،قوياش، زۇلمەت ئىچرە قالدۇق ئەمدى بىز. قاناتلىرى سۇنغان قۇشلاردەك، تىمىسقىلاپ يۈردۇق پەرۋاسىز. ئېيتىڭ قاچان قايتىپ كېلسىز؟ 23.سۇئال ئانا ئېزىپ كەتتىم ماڭغان يولۇمدىن، چۈشۈپ كەتتىم چوڭقۇر بىر ھاڭغا. ئاجراپ كەتتىم پۈتۈن قولۇمدىن، تۇرماقتىمەن تەلمۈرۈپ تاڭغا. ئۇچۇرماقتا بەڭۋاش شاماللار، ئوخشاپ قالدىم قۇرۇق غازاڭغا. قېچىپ كەتتى شۇ شىرىن چاغلار، باغلاپ قويۇپ مىنى باراڭغا. غايىللىرىم كەتتى يوقۇلۇپ، ئانا ماڭا تېپىپ بېرڭا؟ ئازاپلارنى كېتەي ئۇنتۇلۇپ، مېنى تىزدىن قۇتۇلدۇرڭا؟ 24.سۇئال ئانا ئۇچۇپ كەتسە كۆككە يۈرگىم، قاناتلىرى يىنىك قېقىپ پەر. قېچىپ كەتسە ئېزقىشلىرىم، مەندىن يىراق-يىراق شۇ قەدەر. ھارارەتكە تولغان بۇ جىسمىم، تەبئەتكە تۆكسە باھار-تەر. قانداق قىلاي ۋالىلداق قوياش، باش كۆتۈرسە يىراق شەھەردىن. كۆزلۈرۈم ھەم ئايلارغا ئوخشاش، تالا-تالا تۆكسە بىزدىن؟ ئادەملىكىم خېرىدار بولغاچ، ئورۇن ئالسا ئۇلۇغ ئەرىشتىن؟ ئۇچۇپ كەتكەن ئەشۇ يۈرگۈم، نۇرلار بىلەن ئىتشىپ باغاش. مۇزىكىدەك يېقىملىق تۇيغۇم، ھېس قىلسا گەر يېڭچە بايقاش. كۆز ئالدىمدا ئۇزۇن پاك يولۇم، تاللىۋالسا يېڭچە بايقاش؟ قانداق قىلاي يەنە يۈرگۈم، ئۇچرمىسا تۇسالغۇ-شەرىتكە؟ چەكسىزلىكتە مۇقەددەس تۇيغۇم، ئېقىپ چۈشسە زىمىنغا،يەرگە؟ تارىتسا گەر كۈچلۈك قوللۇرۇم، ئادەملەرنى ئىگىزگە-كۆككە؟ بۇ مەيلىمۇ-مەيلىمۇ ئانا؟ سورار سۇئال سەبى بىر بالا؟ 25.سۇئال ئانا تۇغۇلۇپ دۇنياغا ئېلىپ كەلگىنىم، نىمىدۇر ئۆزەممۇ ھېچ بىلەلمىدىم. نە ئۈچۈن تۇغۇلدۇم،نىچۈن ياشىيمەن؟ ئۆزۈمگە بىرەرمۇ سۇئال قويمىدىم. ھاياتىم ئۆتۈپتۇ پاخاللار كەبى، ھۇرۇنلۇق ئۆزگە رام قىلىپ مىنى. يەر شارى ۋايسىماي مۇشۇ كۈنگىچە، كۆتۈرۈپ يۈرۈپتۇ يۈكۈمنى تېخى. باللىق غورۇرۇم قىلماقتا لەنەت، ئۆتكەن شۇ ھەر كۈننى ئويلىسام پەقەت. گەر يازسام ئۆمۈرنىڭ بېتگە بۈگۈن، ئالتۇن ھەل بېرىلگەن ھەقىقى بىر خەت. ئۇچۇپ يۈرۈپتۇ ھەرياققا شامال، ئۆزۈمگە بىرەرمۇ قويمىغاچ سۇئال. سىزنىڭچە نىمنى قىلمەن ئانا؟ ئۆزنى بىلىشمۇ ھەممىدىن ئاۋال؟ 26.سۇئال ئانا مەۋجۇت پەقەت يۇچۇن مەۋجۇدات، ھېچبىر نىگاھ چۈشمەس ئۇنىڭغا. ھېد چاچماقتا بەخىت-ئىلتىپات، خىلۋەت تۇرۇپ قاراڭغۇلۇقتا. گويا دەرەخ شىرنىسگە ئوخشاش، بېغىشلار ئۇ چەكسىز سۆيۈنۈش. كۆرەلمەيدۇ يۇلدۇز.ئاي،قوياش، نىسىپ ئەمەس ئاڭا كۆرنۈش. مەۋجۇت لېكىن بىلمەس ھېچكىشى، كاۋىكىدا ياشامدۇ يەرنىڭ؟ قانداق شەكىل رەڭدىكىن جىمىسى؟ خىللىرىدۇر قايسى نەرسىنىڭ؟ 27.سۇئال ئانا بۇ كىچە كەلمىدى ئۇيقۇم، نىمە بولۇپ قالغاندىمەن تاڭ؟ تاڭغا يەنە ئىنتىزار بولدۇم، كۆز ئالدىمدا بىر قاراڭغۇ ھاڭ. ئەتە بولۇپ قالسام بىر ئىلاھ، كۈندۈزلەرنىڭ بوينىغا مىنىپ. كىچلەرگە سېپىپ ئاق سىياھ، قوياشتىنمۇ كەتسەم گەر ھالقىپ.، مەن يۈرمەن نەلەردە مېڭىپ؟ 28.سۇئال ئانا شاختىن-شاخقا ئۇچۇپ ۋە سەكرەپ، ياشايدىكەن قارا قاغىلار . ئۆزى قارا كۆڭلىمۇ شۇنداق، ئۇ ئىنساننى ھەسرەتكە سالار. ئىنسان تۇرۇپ لېكىن بەزلەر، چۈشدىكەن قاغىدىن ئېشىپ. ئىچ-باغرىنىڭ قاپ-قارلىقى، چىرايىغا تۇردۇ تېشىپ. ئېيتىڭ ئانا نىمىشقا ئۇلار؟ بىر-بىرىنى شۇنداق چاقدۇ؟ نەپ چىقمىسا قىلچىلىك ئەگەر- بىر-بىرىدىن يىراق قاچدۇ. 29.سۇئال ئانا بىز قانۇننى ئۈگۈنۈپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ھېچ ئەمەل قىلمىساق؟ مەكتەپلەرنى شۇنچە كۆپ قۇرۇپ، ئىشلەمچى بوپ ئوقيالمىساق؟ پاختا تىرىپ لىق بېسىپ قويۇپ، بىرەر پايپاق توقيالمىساق ؟ نىممىتنى يەرنىڭ يەپ تۇرۇپ، قەدىرلەشنى تولۇق ئۇقمىساق؟ ياخشىلارنى تونۇپ بىمالال، يامانلاردىن يىراق بولمىساق. شەيتان يۈرسە قۇلاقتىن تۇتۇپ، ئارقىسدىن ماڭساق ئېتىسىياق. ئەتىنىمۇ ھەم بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆرەش قىلمىساق. ياشاش نىمە ھەم بىلىپ تۇرۇپ، يا ئۇنىڭغا ئەجىر قىلمىساق. ئۆزمىزنى پەرىشتە بىلىپ، باشقىلاردىن ئەيىپلا تاپساق. -توۋا دىدىم ياقامنى تۇتۇپ، بۇنداقلارغا يوقمىدۇر سوراق؟ 30.سۇئال ئانا بۈگۈن ئاخشام نىمە بولغاندۇ؟ تەبئەتنى باستىمۇ زۇلمەت؟ دەريا-تاغلار ئېغىر سۈكۈتتە، مۈگدەر شامال ئاجايىپ قىسمەت. ئاڭلانمايدۇ ناخشىلارمۇ ھەم، قىچرالماس ياپراقلار ھەتتا. كۆرۈنمەيدۇ يۇلدۇز،ئاي،قوياش، يا كەتكەنمۇ ئېغىر ئۇيقىغا؟ ئاڭلانمايدۇ توختىمايدىغان، چىكەتكىنىڭ ئاۋازى ھېچبىر. بۇ ھاياتلىق قېنىدۇر زادى؟ چۆللەر ئارا كەتكەنمۇ ئىچكىر؟ بۈگۈن ئاخشام نىمە بولغاندۇ؟ چارچىدىمۇ مېڭەم ئېغىرراق؟ چىللا خوراز،چىققىنە قوياش، مەن تاڭلارنى كۆرەيچۇ تېزراق؟... 31.سۇئال ئانا سىز بىلەمسىز-بىلمەمسىز شۇنى، بىزنىڭ نازۇك ئۈمۈدىمىزنى؟ باللارنىڭ نازۇكتۇر كۆڭلى، ئاڭلاپ بېقىڭ بىر قېتىم قېنى. بىزگە قانداق ئاتلار كېرەك؟ چۈشنەمسىز بۇ قەلبىمىزنى؟ تىلى،دىلى،ئىتقادى ساپ، بولسا دەيمىز مېرى-شەپقەتى. قەيسەر،كۈچلۈك ساداقىتى بار، بەيگىلەردە كارامىتى بار. شۇنچە ئېنىق سالاھىتى بار، بىزگە شۇنداق ئاتلار كېرەك. ئائىلىگە بولغۇدەك چىراق، ئەسەبىيلىك،ھاراقتىن يىراق. ئەخلاقى بار،يۈركى قايناق، بىزگە شۇنداق ئاتلار كېرەك. قەلبىنى ھەم تۇمان باسمىغان، ئىمانى پاك،گۇمان باسمىغان. - كەلمەس پۇكان باسمىغان، -بىزگە شۇنداق ئاتلار كېرەك. 32.سۇئال ئانا شېئىر نىمە بىلەمسىز ئانا؟ مەندەك چاغدا توقۇپ باققانمۇ؟ شائىرلىقنىڭ سۈيدە ئېقىپ، بىرەر قوشاق توقۇپ باققانمۇ؟ شېئىر-شائىر ساددا چۈشمۇ؟ يا شائىرنىڭ روھى،قەلبىمۇ؟ راسىت تەبئىيلىك ئۇنىڭدا بارمۇ؟ ئۇندىكى تارىخ ئەكىسمۇ؟ شېئىر يا بىر خاسلا سەنئەتمۇ؟ تەنھالىق يا تۇغامدۇ ئۇنى؟ شائىر كۆزى رۇشەن بىر خەقمۇ؟ پاك قوينىغا باسامدۇ ئۇنى؟ يا رەسىمگە ئوخشاپ كىتەمدۇ؟ شۇنچە چوڭقۇر پكىرلەر بارمۇ؟ مىڭ ھاياجان ئېقىپ چىقامدۇ؟ شائىر قەلبى ياكى گۈلخانمۇ؟ 33.سۇئال ئانا يىتىپ كەلدى يەنە بۇ شەنبە، زەپ سېغىندىم ئۆينى ۋە سىزنى. تەنھا،تىمتاس ياتاقنىڭ ئىچى، چىقىپ كەتتى سىرىتقا ھەممىسى. كارىدوردىن چىقار شەپىلەر، چېچىلدۇ خىيالىم ئاڭا. پوچتالىيون ياكى بىر كىملەر، بىرەر نەرسە بەرگۈدەك ماڭا. كارىدوردا ئەمما قەدەملەر، يۆتكىلدۇ ئۇياق-بۇياققا. ئىشىگىمنى چەككەن شەپىلەر، ئاڭلانمايدۇ نىچۈن قۇلاققا؟ بۇ شەنبىمۇ سېغنىپ سىزنى، ئۆتۈپ كەتتى يەنلا جىمجىت. ئۈمۈت بىلەن يانغان يۈرەكنى، كەلمەي ئانا قىلدىڭغۇ بىچىت. 34.سۇئال ئانا خەت يېزىپسىز يىراق سەھرادىن، خۇشال بولدۇم ئوقۇپلا دەسلەپ. كۆزدىن ئاققان تارام ياشلاردىن، بىللە بولغان كۈنلەرنى ئەسلەپ. ئەجەپ كۈنلەر ئىدى شۇ كۈنلەر، سىزگە ھاپاش بولۇپ يۈرگۈنۈم. بىردەم ئوينا پەستە بالام دەپ- ئىتتىرسىڭىز قاپاق تۈرگۈنۈم. نەچچە يىرى ياماق ئوچاققا، يۆل ئوتۇننى سالغانلىرىڭىز، ئىس ياندۇرۇپ لىقلا ھەر ياققا، كۆزگە ياشلار ئالغانلىرىڭىز. مەن قالاي دەپ كەلگەندە بىردىن، ئوتنىڭ گۈر-گۈر كۆيۈپ كەتكىنى. ئىچۋالساق سۈيۈق ئۈگرىدىن، بۇ قۇساقنىڭ تويۇپ كەتكىنى. سىز تونۇرغا نان ياققان كۈنى، تونۇر بېشى قىزاتتى ئەجەپ. كۆمۈپ قويغان كاۋىنى ئەجەپ، تەڭ تالشىپ يىيشەتتۇق زەپ. تۈگىمەيتى ھىكايلەرمۇ،
/
本文档为【诗歌集(书本)】,请使用软件OFFICE或WPS软件打开。作品中的文字与图均可以修改和编辑, 图片更改请在作品中右键图片并更换,文字修改请直接点击文字进行修改,也可以新增和删除文档中的内容。
[版权声明] 本站所有资料为用户分享产生,若发现您的权利被侵害,请联系客服邮件isharekefu@iask.cn,我们尽快处理。 本作品所展示的图片、画像、字体、音乐的版权可能需版权方额外授权,请谨慎使用。 网站提供的党政主题相关内容(国旗、国徽、党徽..)目的在于配合国家政策宣传,仅限个人学习分享使用,禁止用于任何广告和商用目的。

历史搜索

    清空历史搜索