为了正常的体验网站,请在浏览器设置里面开启Javascript功能!

男人喜欢的女人

2010-07-21 3页 doc 25KB 123阅读

用户头像

is_410220

暂无简介

举报
男人喜欢的女人ئەرلەر مۇنداق ئاياللارنى بىر ئۈمۈر ئەتىۋارلايدۇ ئەرلەر مۇنداق ئاياللارنى بىر ئۈمۈر ئەتىۋارلايدۇ .1مەڭگۈ مۇلايىم بۇلۇش. ھەرقانداق ئەر ئاياللارنىڭ مۇلايىم قەلبىدىن قىچىپ قۇتۇلالمايدۇ.لىكىن مۇلايىملىققىلا ئىسىلىۋالماڭ. ئېرىڭىزنىڭ كەيپىياتى ياخشى چاغدا، ئويلىغانلىرىڭىزن...
男人喜欢的女人
ئەرلەر مۇنداق ئاياللارنى بىر ئۈمۈر ئەتىۋارلايدۇ ئەرلەر مۇنداق ئاياللارنى بىر ئۈمۈر ئەتىۋارلايدۇ .1مەڭگۈ مۇلايىم بۇلۇش. ھەرقانداق ئەر ئاياللارنىڭ مۇلايىم قەلبىدىن قىچىپ قۇتۇلالمايدۇ.لىكىن مۇلايىملىققىلا ئىسىلىۋالماڭ. ئېرىڭىزنىڭ كەيپىياتى ياخشى چاغدا، ئويلىغانلىرىڭىزنى ئۇنىڭغا ئېيتىڭ ياكى سىز نىمىگە ئېھتىياجلىق بولسىڭىز، مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭغا دەڭ. بۇنداق چاغدا ھەرقانداق ئەر كىشى سىزنىڭ تەلىپىڭىزنى رەت قىلالمايدۇ. ئىسىڭىزدە بولسۇنكى، ئۇ ئۆيدە ئىشلىگەن چاغلاردا ئۇنىڭغا بىر پىيالە چاي ئەكىرىپ بېرىشنى ئۇنۇتماڭ. مۇشۇنداق قىلسىڭىز، ئائىلە ئىشلىرىنى ياخشى قىلغاندىنمۇ بەكرەك ئۈنۈمىنى كۆرىسىز. .2ئېرى ياخشى كۆرىدىغان تائاملارنى ئىتىش. بۇ يەردە دىيىلىۋاتقىنى مىزلىك تائاملار ئەمەس .بەلكى ئېرىڭىز ياخشى كۆرىدىغان تائاملاردۇر. شۇڭا ئاجايىپ نازۇ-نىمەتلەرنى ئىتىۋىتىشىڭىزنىڭمۇ ھاجىتى يوق. پەقەت ئېرىڭىز ياخشى كۆرىدىغان يىمەكلىكلەرنى ئىتىشنى ئۈگۈنىۋالسىڭىز، ئۇ يىنىڭىزدىن كەتمەيدۇ شۇنداقلا تائام تىزىملىكىگە قاراپ ئۈگۈنىۋاتقان ئاشۇ گۈزەل قىياپىتىڭىزنىمۇ مەڭگۈ ئىسىدە ساقلايدۇ. .3مەڭگۈ گۈزەللىكنى سۆيىدىغان قەلب بۇلۇش. بۇ، چىراينىڭ سەت ياكى چىرايلىق بۇلۇش بىلەن مۇناسىۋەتسىز. ھەرقانداق ئايال ئېرىنىڭ يىنىدا چۇقۇم ئەڭ گۈزەل قىياپىتىنى ساقلىشى كېرەك. يەنى، قېرىپ كەتسىمۇ چۇقۇم ئەينەككە قاراپ ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ تۇرۇشى، كىيىمنى ماسلاشتۇرۇپ كىيىشى ھەم ئېرىنىڭ كىيىم كىيىشى ئادىتىنى ئىنىق بىلىۋىلىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆزىنىڭ ئۇخلاش كىيىمى ھەم ئىچ كىيىملىرىگىمۇ ئېتىبار بېرىشى كېرەك. چۈنكى تاش كىيىمنى باشقىلار كۆرىدۇ، ئۇخلاش كىيىمى بىلەن ئىچ كىيىمنى ئېرىلا كۆرىدۇ. .4ئېرىگە ياخشى ياردەمچى بۇلۇش. ئۆيدىكى چوڭ-كىچىك ئىشنىڭ ھەممىسىنى يالغۇز ئۆزىڭىزلا ئۈستىڭىزگە ئىلىۋالماڭ. ئېرىڭىزگە ئىچ كىيىم بىلەن پايپىقىنى يۇيۇشنى ئۈگۈتۈپ قۇيۇڭ. لىكىن پۈتۈنلەي ئۆزىگىلا قالدۇرماڭ، ئۇنىڭ ھەر كۈنى پاكىز پايپاق كىيىشىگە كاپالەتلىك قىلىڭ، ھەرگىزمۇ يىرتىق مەينەت پايپاق كىيدۈرمەڭ ھەمدە ئايىغىنى پاكىز سۈرتۈپ قۇيۇشنى ئۇنۇتماڭ. ئۇنىڭ ئىچ كىيىملىرىدىمۇ ئەتىر پۇرىقى كەتمىسۇن. .5ئېرىگە بوي سۇنغاندەك تۇيغۇ بېرىش. ئېرىڭىز سىزنى بىر ئۈمۈر تەتقىق قىلسۇن. ئۇنىڭغا بوي سۇنغاندەك تۇيغۇ بېرىڭ، شۇنداق قىلسىڭىز ئۇ جەلىپكار ئايال ئىكەنلىكىڭىزنى ھىس قىلىدۇ، بۇنداق ئەر ھەقىقى ئەر ھىساپلىنىدۇ. .6ئېرىگە ئۆزىنى سۆيىدىغان سەۋەپ كۆرسۈتۈپ بېرىش. ھەرقانداق ئايال ئېرىنىڭ ئۆزىنى بىر ئۈمۈر سۈيۈشنى ۋە بەختلىك ئائىلىسىنى بولۇشنى تۇلۇمۇ ئارزۇ قىلىدۇ. لىكىن ياشلىق باھار تۇلۇمۇ قىسقا بولىدۇ. يىتىلگەن، سالاپەتلىك، پۇلدار، مۇلايىم ئەرلەرگە ئاياللار قىزىقىدۇ. شۇڭا ئېرىڭىزنىڭ سىزنى بىر ئۈمۈر سۈيۈشى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا سىزنى سۈيىدىغان سەۋەپ تىپىپ بېرىشىڭىز لازىم. چىرايلىق ياكى سەت بۇلۇڭ سىزدە چۇقۇم ئىسىل مىجەز ياكى تالانت ۋەياكى ئۆزىڭىزگە خاس خاراكتىر...بۇلۇشى كېرەك. قىسقىسى سىزدە چۇقۇم بىر ئالاھىدىلىك بۇلۇشى كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندا ئېرىڭىز سىزدىن مىھرىنى مەڭگۈ ئۈزەلمەيدۇ. مەنبە :شىنجاڭ رادىئو-تىلىۋىزىيە گىزىتى
/
本文档为【男人喜欢的女人】,请使用软件OFFICE或WPS软件打开。作品中的文字与图均可以修改和编辑, 图片更改请在作品中右键图片并更换,文字修改请直接点击文字进行修改,也可以新增和删除文档中的内容。
[版权声明] 本站所有资料为用户分享产生,若发现您的权利被侵害,请联系客服邮件isharekefu@iask.cn,我们尽快处理。 本作品所展示的图片、画像、字体、音乐的版权可能需版权方额外授权,请谨慎使用。 网站提供的党政主题相关内容(国旗、国徽、党徽..)目的在于配合国家政策宣传,仅限个人学习分享使用,禁止用于任何广告和商用目的。

历史搜索

    清空历史搜索